تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇ بىلەن قەشقەر ھەققىدە سۆھبەت (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان، كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى قويۇلغان مەلۇم بىر ئورۇن. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، پەيزىۋات.
ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان، كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى قويۇلغان مەلۇم بىر ئورۇن. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، پەيزىۋات.
AP

2020-يىلى 5-يانۋار كۈنى يۇتۇب قانىلىدا ئابۇ تەخەللۇسىدىكى تەيۋەنلىك خىتاي ساياھەتچىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى 20 مىنۇتلۇق سىن فىلىمى تارقىلىپ، تۋىتتېر، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغانىدى.

20 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدا تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇ قەشقەرنىڭ مەشھۇر ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كوزىچىيار بېشى مەھەللىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقىنى يوقىتىپ، دەرۋازىلىرىغا قۇلۇپ سېلىنغان، كوچىلىرىدا ئادەم قالمىغان بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ فىلىمدا يەنە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى توغرىلىق خەۋەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايلىق ئۇيغۇر دىيارى ساياھىتىدە كۆرگەن ئەمەلىيىتىدە بىرمۇ-بىر ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق 21-ماي كۈنى تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇ بىلەن ئۇنىڭ قەشقەر ساياھىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

دىئالوگ شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا، ئابۇ ئۆزىنىڭ 2019-يىلى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە قەشقەردە تۇرغان 20 كۈن ئىچىدە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، بۇ قىسقىغىنا ساياھەتنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۇيغۇرلار ۋە بۇ يۇرت ھەققىدە ئۆچمەس خاتىرىلەرنى قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

سۆھبىتىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇ يەنە ئادەمسىز قالغان كوزىچىيار مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە ئىزدەنگەنلىكى ۋە قەشقەر كوچىلىرىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ بايانىدا كوچا دوقمۇشلىرى ۋە سودا سارايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتمۇ-قات نازارەت تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۈچلۈكلۈكى، كوچىلاردا ساقچىلارنىڭ يول توسۇپ ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سومكىلىرى ئاختۇرۇلۇپ قاتتىق سوراق قىلىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابۇ مۇنداق دېدى: «ھەممە يەردە ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈلىدىكەن، تەكشۈرۈش تەرتىپلىرى قېلىپلاشقان ئىكەن، ساقچىلار ئۇلارنى جىددىي ۋە قاتتىق سوراق قىلىپ تەكشۈرىدىكەن».

ئەمما ئابۇ خىتايلارنىڭ بولسا رەسمىيەت ئۈچۈنلا تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «ئەمما خىتايلار تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە رەسمىيەت ئاددىي ئىكەن، ئادەم سانىنىلا سوراش بىلەنلا چەكلىنىدىكەن. ھەتتا بۇ تەكشۈرۈش ماڭا خىتايلارنى قوغداۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچراتتىم»، دېدى.

تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قەشقەر كوچىلىرىدىكى ساقچىلارنىڭ برونېۋىك قاتارلىقلار ئارقىلىق كوچىلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەنزىرىسىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچراتقان. ئۇ بايانىدا كوچىلاردا ئاساسەن خىتايلارنىڭ كېزىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساسەن ئۇچراتمىغانلىقىنى، ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئاساسەن ياشانغانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئابۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلاردىن بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈشكە بولغان ئىنكاسىنى سورىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى ھەققىدە توختىلىپ: «ھىم، مېنىڭچە ئۇلار كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىپ، كوچىغا چىقماسلىققا مەجبۇرلانغان بولسا كېرەك. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى سىرتقا چىقارماسلىق ئۈچۈن ئالغان تەدبىرى بولسا كېرەك، .» دەپ جاۋاب بەردى.

ئابۇ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىكى «ئاممىغا قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان دوقمۇش-دوقمۇشلارغا جايلاشقان ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى قەشقەر كوچىلىرىدا ھەر بىر دوقمۇشتا بار بولۇپ، ئۇ، بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرى قەشقەردىكى پۇقرالار نەزىرىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن ۋە ئۇلاردا ھېچقانداق ئالاھىدە تۇيغۇ بەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قەشقەردە ئۆزى ئۇچراتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۇلارنىڭ قەشقەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ قايسى لاگېرغا قامالغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىغان. ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

ئابۇ ئۆزىنىڭ قەشقەر كوچىلىرىنى كېزىپ لاگېرلارنىڭ ئورنىنى ئىزدەش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلار يېزىلغان ئورۇنلارنى ئۇچراتمىغان بولسىمۇ، ئەمما تىكەنلىك سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغان مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابۇدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن قاتتىق تەدبىرلىرىگە قارىتا قەشقەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانداق پوزىتسىيەمدە ئىكەنلىكىنى سورىدۇق.

ئابۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، قەشقەردىكى خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق نازارەت تەدبىرلىرىگە قوللاش ۋە ھىمايە قىلىش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابۇ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مەن قەشقەردىكى خىتايلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل قاتتىق تەدبىرلىرىگە بولغان ئىنكاسىنى سورىدىم. ئۇلار بۇ چارىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار ماڭا ھازىر شىنجاڭ ئىنتايىن تىنچ ۋە بىخەتەر، بۇ تەدبىرلەر دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا پايدىلىق دەپ جاۋاب بېرىشتى. مەن ئۇلارنىڭ جاۋابىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن تېخىمۇ ئەنسىرىدىم».

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇ قەشقەردە كۆرگەن مەنزىرە ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، بۇ خىل قاتمۇ-قات نازارەت ۋە تەكشۈرۈش ئومۇملاشقان قەشقەرنىڭ ئۇنىڭغا قورقۇنچ تۇيغۇسى بەرگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ قەشقەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پەقەت ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش بىلەنلا كۇپايىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ شۇ سەۋەبتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ جىق كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، يۇتۇپ تورىغا 20 مىنۇتلۇق ئاشۇ فىلىمنى يوللىغان ئىكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ فىلىم سەۋەبلىك قەشقەرگە ھەتتا ئۇيغۇر رايونىغا قايتا ساياھەتكە بېرىش يولىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت