«ئۇيغۇر رايونىدىكى خەۋپ-خەتەر نېمە» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەركىنلىك ۋە ھەق-ئادالەتنى قوغداش چاقىرىق قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زۇمبېرگې بىناسى.
جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زۇمبېرگې بىناسى.
wikipedia.org

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان سىياسىي زۇلۇم ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاي مەسىلىلىرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ئايلانماقتا. جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئۇيغۇر رايونىدىكى خەۋپ-خەتەر نېمە» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى قىلىنغان. ئاندىن دۇنيا ئەللىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ھەق-ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى قوغداشتا باشلامچى بولۇش چاقىرىق قىلىنغان.

بىز بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ۋە بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى كلەي دۇب ئەپەندى بىلەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆزگە چىققان لوس ئانجىلېس ھېلىن بېرنىستىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى نۇرنىسا قۇربان خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

كلەي ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى سەۋەب ۋە مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، شىنجاڭ ناھايىتى چوڭ رايون بولۇپ، خىتاينىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان، ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم رايون. شۇڭا ئۇ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. خىتايلار بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلاپ، ئۇنى كىچىكلىتىش ياكى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، ئۇلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتمەكتە، بىز ئەلۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشلار پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئېغىر مەسىلىدۇر؛ خىتاي خالىغانچە ئادەم تۇتماسلىق دېگەندەك ئىشلار ئۈستىدە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە قول قويغان، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇنىدا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدايمىز دەپ ۋەدە بەرگەن، ئەمما ئۇلار بۇزۇلدى. بىز بۇ پائالىيەتتە شۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بولدۇق.»

نۇرنىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 12 گىچە ۋېبىنار ئارقىلىق ئېچىلغان بولۇپ، 200 دەك كىشى بىرلا ۋاقىتتا يىغىندىكى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان. يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلار، ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇھاكىمە قىلىنغان.

مەكتەپ تور بېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەتقىقاتچى ئەلىس ئاندېرسون (نازاكەت) ۋە پومونا ئىنستىتۇتى ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور درۇ گلادنى ئەپەندى قاتناشقان.

نۇرنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلىس ئاندېرسون بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا كۆرگەن-بىلگەنلىرى بىلەن ئۇ يەردە ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ياخشى چۈشەندۈرگەن. درۇ گلەد ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، جۈملىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ئەھۋالىنى، خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈم سۈرگەن 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي زۇلۇمغا، مىللىي زۇلۇمغا، دىنىي زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، 2017-يىلدىن كېيىنكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ بۇ زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كەلگەن ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە بۇ يىغىندا سۆزگە چىققان نۇرنىسا خانىم، بۇ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەندە قانداق مائارىپنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ۋە 2017-يىلدىن كېيىنكى قىسمەتلىرى ھەققىدە توختالغان.

نۇرنىسا خانىم يەنە ئامېرىكادا 16 يىل ئىشلىگەن بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكادىكى بالىلارنى تەربىيەلەش داۋامىدا ھېس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان ھەمدە ئەركىنلىك، ئادالەت، ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن تەربىيەلەنگەن ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلارغا كۆكرەك كېرىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرنىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا 40 مىنۇت ئەتراپىدا سوئال سوراش ۋاقتى بېرىلگەن بولۇپ، يىغىن كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن ۋە جانلىق بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت