ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلالايدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-08-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
(ئوڭدىن سولغا) ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتىۋىن مىنۇچىن، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندىلەر ئاقسارايدىكى مۇخىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 29-ماي، ۋاشىنگتون.
(ئوڭدىن سولغا) ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتىۋىن مىنۇچىن، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندىلەر ئاقسارايدىكى مۇخىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 29-ماي، ۋاشىنگتون.
AFP

بۇ يىل 28-ئىيۇل، ئامېرىكانىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان ۋوكس مېدىياسى (VOXMEDIA) دا «ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ بەش قەدەم باسقۇچى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە «ئۇيغۇر كرىزىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ۋىجدانىي تەخىرسىزلىكى» ناملىق 47 مىنۇتلۇق پودكەست ئىلاۋە قىلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇۋاتىدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› گە قامالدى. ئۇ يەردە ئۇلار تەن جازاسى، جىنسىي خورلۇق، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، مېڭە يۇيۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىردىن باشلاپ ئۇلارنى توختىتىشقا ئاتلىنىشى كېرەك.»

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى شەخسلەرگە ۋە شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن پائالىيەتچىلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشتە بۇلار تېخى يېتەرلىك ئەمەسكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا يېتەرلىك بېسىم قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەش قەدەم باسقۇچىنى بېسىشى كېرەك ئىكەن.

بىرىنچىدىن، خەلقئارا بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش. ئامېرىكا خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن بېسىم قىلىشى كېرەك ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرى بۇ ئىتتىپاققا چوقۇم كىرىدىكەن. ئامېرىكا بۇ بىرلىك سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدىكەن، قالغان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشماي، ئامېرىكانىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللاپ بەرسىلا بولىدىكەن.

ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۇنى يامان نىيىتىدىن ياندۇرۇش. سىياسەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەددىدىن ئاشقان خىتاينىڭ پەيلىنى ياندۇرىدىغان مۇھىم تەدبىردىن بىرى ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىش، شۇنداقلا بۇ ئىقتىسادتىن ياردەم ئالىدىغان خەتەرلىك تېخنىكىلىرىنى چەكلەش ئىكەن. ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىشنى توسۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىشى ۋە باستۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىدىغان تېخنىكلارنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق جازالاش، خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چارە-تەدبىرلەرمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىش رولىنى ئوينايدىكەن.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئامېرىكا غەرب ئەللىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەجەللىك زەربە بېرىشى كېرەك،» دېدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە بۇ تەدبىرنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم ئىكەن.

ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا قولغا چۈشۈرگەن ئاخباراتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ نامىنى سېسىتىش. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇنداق قەبىھ ھەرىكەتلەرنى چەت رايوندا، كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق يەردە ئېلىپ بارغاچقا مەقسىتىگە يېتەلىگەن؛ 2017-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەت ئاشكارىلىنىپ، خىتايغا بولغان بېسىم كۈچىيىشكە باشلىغان. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئاخبارات ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتنىڭ نەقەدەر قەبىھ ۋە قاباھەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى جەلپ قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا خادىملىرى خىتايدا قارشى ئېلىنمىغاچقا بۇ ھەقتىكى ئاخباراتلارنى توپلاش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، ئامېرىكا بىر ئامال قوللىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىكەن. ھۆكۈمەت ئارقىلىق خىتاينىڭ نامىنى سېسىتىش تەدبىرى سمۋول خاراكتېرلىك ئىش ئەمەس، بەلكى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى نىشان قىلىدىغان ھەرىكەت ئىكەن.

تۆتىنچىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتايغا قارشى تۇرۇش. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ تاشقى سىياسىتى بويىچە بولغاندا، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىشلارغا مۇمكىنقەدەر ئازراق قاتنىشىشى كېرەك. سىياسەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قالىمەن دېسە دونالد ترامپنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىكەن. خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ بىرى، يەنە كېلىپ، خىتاينىڭ بىر ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. ئەگەر ئامېرىكا ب د ت غا قايتىپ كېلىپ، خىتاينىڭ ب د ت نى خىتاي ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان بىر ئورگان قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرمىسا، ب د ت ئارقىلىق خىتايغا بېسىم قىلالمايدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چىقىپ كەتكەن بىلەن، باشقا ئورگانلىرىدا يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق يىغىن چاقىرىش، غەرب ئەللىرىگىلا ئەمەس، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىگىمۇ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ھەق تەرەپتە تۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە ئىكەن.

كانادادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى يۇقىرىقى تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى رەسمىي بېكىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئاۋۋال يانغىننى ئۆچۈرۈش، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، قالغان تەدبىرلەرنىمۇ قوللىنىپ، ئاشۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك،» دېدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ، ئامېرىكا ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىمەن دېسە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

بەشىنچىدىن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرىغا مۇمكىنقەدەر بىۋاسىتە ياردەم بېرىش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى جازالاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا ياردەم بەرسە بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ياردەم ئۇسۇلى ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتتە يېڭى ھاياتىنى باشلىشىغا ۋە خاتىرجەم ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يەنە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرنى قىلالايدىكەن.

مەمەت توختى ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش ئىشىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ ئىشتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ زىچ ئالاقە باغلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى بەش تەدبىر، يەنى بەش قەدەم باسقۇچىنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قوللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا خىتايغا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ئىشنى مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە خىتايمۇ بۇ قېتىملىق خەلقئارا ھەرىكەتتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. بۇ تىرىشچانلىقلار مەغلۇپ بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما بۇ بەش قەدەمنىڭ ھەر بىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قېلىش مۇمكىن.

پىكىرلەر (1)
Share

ئۇيغۇر

دىن گوللاندىيە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
.خىزمتىڭلارنىڭ قانچلىك جااپالىق ۋە شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىر نۇختا: كۆپچىلىك دۇنياۋى مىديىالار ئاساسەن دىگۈدەك بىزنىڭ ئازابىمىزنى ئاڭلاتقاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دەپ ئاتاپ كەلدى..بۇ خىل ئاتااشنىڭ ئانچە جايىغا چۈشمىگەنلىكىنى بىلسەكمۇبوپتۇ دەردىمىزنى ئاڭلىتۋاتىدۇ دەپ ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىغا ۋە دۇنيغا قانداق ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئويلىيالمىغانتىم. لىكىن رادىۇنىڭمۇ شۇندا ئاتاپ كىلىشى ئادەمنى ئەجەپلەندۈردى. ئەگەر دىنى كىملىكنى بەكلا ئىپادىلەش زۆرۈرىيتى بار دەپ قارالسا «كۆپ. قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مىللتىى » دەپ ئىلىنسا بولاتتى.بىر پەش ۋە بىر چىكىتنى بىكارغا قويمايدىغان ئۇستىلارنىڭ دائىما بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىزنى دۇنياغا تونۇتۇشىنىڭ سەۋەپلىرىگە ئەقلىم يەتمىدى...

Aug 07, 2020 07:57 PM

تولۇق بەت