«يەھۇدىي چوڭ قىرغىچىلىقى» شاھىتلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا ئالدىنقى سەپكە ئۆتمەكتە

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
21-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى (AUJS) ئۆتكۈزگەن «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشى.
21-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى (AUJS) ئۆتكۈزگەن «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشى.
Social Media

يەھۇدىي جامائىتى سىياسى، ئىقتىسادى ساھەلەردە بولسۇن، خوللىۋود كىنو-فىلىم ساھەسىدە بولسۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا بەنت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن بېرى، بۇ مەسىلىگە ئەڭ يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىقىنى 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى بولغان «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى» نىڭ قۇربانلىرى بولغان يەھۇدىيلار بولۇپ كەلگەن.

21-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئاۋسترالىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى (AUJS) «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بۇ يىغىننى تونۇشتۇرغان بولۇپ، تونۇشتۇرۇشتا مۇنداق دەپ يازغان: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلالايمىز. ئاۋسترالىيە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە ئوچۇق سۆھبەت باشلايدىغان پەيت كەلدى.» 

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شاۋ فوندىنىڭ مۇدىرى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى بۆلۈمىنىڭ رەئىسى سېتىفىن سىمىز ئەپەندى قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۈزدىن ئارتۇق كىشى توردىن نەق مەيدان قاتناشقان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەھۇدى ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىكى ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقنى تەكىتلىگەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان دۇنياسى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى سىياسەت شەخسلەرنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.» 

سېتىفىن سىمىز ئەپەندىمۇ ئايرىم زىيارتىمىزنى قوبۇل قېلدى. ئۇ بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياشلاردىن ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئاۋسترالىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بەك قالتىس ئىش قىلدى. بوۋىلىرى-مومىلىرى 20-ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ناتسېستلار تەرىپىدىن ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق›قا ئۇچرىغان يەھۇدى ياشلار باشقا بىر مىللەتنىڭ بېشىغا ئەجدادلىرى ئۇچرىغان پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.» 

سېتىفىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «مەن تارىخنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا ئىشەنمەيمەن. لېكىن تارىخىتىكى خاتالىقلاردىن دەرس ئېلىپ، ھازىرقى دۇنيادا يۈزبېرىۋاتقان خاتالىقلارنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. بىلگىنىمىزدەك ھازىر ئۇيغۇرلار تارىخىتا يەھۇدىيلار ئۇچرىغان پاجىئەگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىزنىڭ تارىختىن ئۆگەنگىنىمىز ئەگەر ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قېلىپ، قارشى چىقمىساق ئاقىۋەت ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولىدۇ.»

يىغىندا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قېلىش، قۇل ئەمگىكىگە سېلىش، نوپۇس يۆتكەش، ئانا تىلىنى چەكلەش، نوپۇسىنى كونترول قىلىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ دارىلئېتام ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئېلىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قىلمىشلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» دىكى قانۇنى تەبىرلىرىگە چۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. 

سېتىفىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ خەلقئارادا «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمزغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى؛ «بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› مۇ، ئەمەسمۇ ؟ مەسىلىسى ئەمەس بەلكى، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى بالايىئاپەتنى بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ توختىتىش. مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىن ياشىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ساقلاپ قىلىش ھەققى بار. بىزنىڭ نېمە دەپ ئاتىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابى داۋام قىلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ پاجىئەە ھەقىقىي قول تىقىپ توختىتىش، بۇ پاجىئەگە ئىنىقلىما بېرىشتىن مۇھىم، دەپ قارايمەن.» 

سېتىفىن ئەپەندى يەنە مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا يۇقىرى پەللىگە چىققان 21-ئەسىردە تارىختىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئە- «ئىرقى قىرغىنچىلىق» نىڭ قايتا تەكرارلىنىشىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ يىغىن ئاخىرىدا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بۇ پاجىئەنى توختىتشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋابەن مۇنۇ بىر قانچە نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ «بىرىنچىدىن، بىز خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان شەخسىنىڭ كەچۈرمىشى شەكلىدە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نېمە ئىش بولىۋاتقانلىقىغا كىرىشىۋالماي، ھەر بىر كىشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. خەلق ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كانادانىڭ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىشى چوڭ بىر قەدەم ئالغانلىق. بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشىغا مۇھتاج.» 

سېتىفىن ئەپەندى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شاۋ فوندى خوللىۋودنىڭ داڭلىق فىلم رىژىسورى سىېتىۋىن سپىيلبىرگ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، سىېتىۋىن سپىيلبىرگ ئىشلىگەن فىلىملەر يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئېتىراپ قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. 

بىز سېتىفىن ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەسى تېما قىلىنغان بىرەر فىلىم ئىشلەش پىلانىنىڭ بار يوقلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھاياتىنى تېما قىكغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش پىلانىمىز بار. بۇ فىلىم ئارقىلىق يۈر بىرىۋاتقان قىرغىنچلىقنى توختىتالماسلىقىمىز مۇمكىن. لېكىن كىشلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تونۇتۇش بەك مۇھىم. ھەقىقىي بىر شەخىسنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق بۇنىڭ پەقەت بىر ھىكايە ئەمەس بەلكى ئاشۇ كىلەر ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىز تىخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز بەلكىم كىچىك ۋە ياكى چوڭ تەسىر قوزغىيالىشىمىز مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى بىر ھەرىكەت قىلىش، مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت