"1 - ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاپلىق تارىخىنىڭ باشلانغان كۈنى"

2007-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1‏- ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، 1‏- ئۆكتەبىر كۈنىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماتەم كۈنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاپلىق تارىخىنىڭ باشلانغان كۈنى دەپ، كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت 1‏- ئۆكتەبىر خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58 يىللىقى ھەمدە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 52 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا "خىتايدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەت 58 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە بولغان ئىنتىلىشىنى باستۇرۇپ كەلمەكتە" دېدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت، " خەلقىمىز ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا " دەپ كۆرسەتتى.

باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 58‏ يىلىدىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە، يۈزمىڭلىغان قىز ‏- ئوغۇللىرىنى قۇربان بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت، "خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى ۋە " خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى" نىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكە تارىخىدىكى ئەڭ كۈلپەتلىك كۈنلەرنىڭ باشلىنىشى بولدى. مۇشۇ سەۋەبتىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتى " دۆلەت بايرىمى" دەپ تەنتەنە قىلىۋاتقان بۇ كۈننى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماتەم كۈنى دەپ جاكارلىدى" دېدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت