خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پاناھلىنىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ھەققىدە پاكىستانغا بېسىم ئىشلەتتى

2007-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھازىر پاكىستاننىڭ مەلۇم قەبىلە رايونىدا پاناھلىنىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ھەققىدە پاكىستانغا بېسىم ئىشلەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىلتىجاسى، خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 25- ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇچرىشىش ھارپىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ 22 ئۇيغۇرنى خىتايلار ئاتالمىش "شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى "نىڭ ئەزالىرى دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مەزكۇر كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە مىللي بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئېغىر جازاغا تارتىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى، ئادالەتسىز سوتقا تارتىلىشى ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى كېررانا باربارا فرانسىس "خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى ئۇيغۇرلارنى ھەر تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن، تېررور ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى دەپ بىردەك ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ" دەيدۇ.

ئۇ يەنە، سوتنىڭ ئادىل بولماسلىقى ، جازانىڭ ئېغىرلىتىلىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ : "شۇڭا بىز يۇقىرىدا ئېيتقان 22 ئۇيغۇر ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز " دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ " پاكىستان ھۆكۈمىتى "خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى " نىڭ 14- ماددا 1- تارماق ماددىسىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. بۇ ماددىغا ئاساسلانغاندا، ھەرقانداق بىر ئىنسان باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن پاناھلىق تىلەش ۋە پاناھلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن" دەيدۇ.

پاكىستان كىشىلىك ھوقۇق كومتېتى خادىمى ئافراشابۇ كاتاكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونىدا يوشۇرۇنغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قەبىلە رايونىدىن دەرھال تېپىپ كېتەلىشى ئاسان ئەمەسكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت