ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ5 - فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

2008-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

‏ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ئويۇشتۇرۇشىدا، -5فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيا، مەرىيلەند، نىيۇجېرسىي شتاتلىرى ۋە ۋاشىنگىتون ھەمدە نيۇيورك شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار شۇنىڭدەك فالۇنگۇڭ ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

-5 فېۋرال سەيشەنبە ۋاشىنگىتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ئۈچتە باشلانغان بۇ نامايىش ئۈچ سائەتچە داۋاملاشتى.

نامايىش داۋامىدا رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدە، غۇلجا ياشلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تىنچلىق نامايىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ياد ئېتىش ۋە ھازىرغا قەدەر تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، قېيىن - قىستاققا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى ۋە "خىتاي ئىلى قىرغىنچىلىقىدىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بىز بۇ قانلىق باستۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى5 - فېۋرال ۋەقەسىدە ئۆلتۈرگەن، تۈرمىگە تاشلىغان ھەمدە ئىز ‏- دېرەكسىز يوقالغان قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە ئۇيغۇرلارغا ھەمدە دۇنياغا جاۋاب بەرمىگىچە، بىز بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىمىزنى توختاتمايمىز "دەپ تەكىتلىدى.

نامايىشچىلار "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختات "، "خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بەر"، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك، دېموكراتىيە، تىنچلىق كېرەك" دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەر، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇ كۈندە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش ۋە باشقا ئوخشىمىغان شەكىللەردە " غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى"نى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، 5 ‏- فېۋرال كۈنىنى ئىلگىرى‏- كېيىن بولۇپ، نامايىش ۋە تۈرلۈك شەكىللەردىكى يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خاتىرىلىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت