ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ كۆلەمدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ

2005-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

15‏-دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ پائالىيەت ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ئورۇنلىرى، ئەدلىيە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 15‏-دېكابىردىن كېلەر يىلى 31‏-مارتقىچە داۋاملىشىدىكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىپ، تەكشۈرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 150 مىڭغا يېتىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا چۈشكەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 11303 ئى بار ئىكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 311 ئى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 83 ئى قازا قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشاش يىڭنىنى ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن تارالغان. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت