ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى كۈنىگە 17 دىن كۆپەيمەكتە

2006-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر 9 ‏- ئايدىن بۇ يىل 9 ‏- ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 6000 غا يېقىن بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 17 دىن كۆپەيگەن.

مەزكۇر مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 17 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئۆزى 700 دىن ئاشقان ھەمدە مەزكۇر كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانى 100 دىن ئاشقان. بۇ سان خىتايدىكى تىزىملىكتىكى ئومۇمىي ساننىڭ 10% نى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان رايون ئىلى ۋىلايىتى بولۇپ، مەزكۇر جايدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1% كە يەتكەن. بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ ئەرلىرى زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆز ئاياللىرىغا يۇقتۇرغان ئىكەن.

يەرلىك سەھىيە ئورۇنلىرى"ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەيدىز ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىن" دەپ پەرز قىلماقتا. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت