خىتاي ئالبانىيىدىن 5 ئۇيغۇرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى

2006-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۇڭگو دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن 5 ئۇيغۇرنى گۇمانلىق تېررورچىلار، دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئۇلارنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇڭگو تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "بۇ گۇمانلىق جۇڭگو تېررورچىلىرى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ۋە ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىلمەسلىكى كېرەك" دەيدۇ. باياناتتا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ 5 ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بۇ تەشكىلات ب د ت تەرىپىدىن تېررورلۇق گۇرۇھ، دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، دەپ تەكىتلىگەن.

ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى بۇ يىل 5 - ئايدا گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن بۇ 5 ئۇيغۇرغا سىياسىي پاناھلىق بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە جۇڭگو دائىرىلىرىگە بۇ 5 ئۇيغۇرنىڭ سىياسيى پاناھلىققا ئېرىشكەنلىكىنى رەسمىي ئۇقتۇرمىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستاندا ئەسىر ئېلىنغان بۇ ئۇيغۇرلارنى ئالبانىيە قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە 20 دەك دۆلەتتىن بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن ئالبانىيىدىن باشقا ھىچ بىر دۆلەت خىتايلارنى غەزەپلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بۇ 5 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالبانىيىگە بەلگىلىك مىقداردا پۇل بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئاز دېگەندە 15 نەپەر ئۇيغۇر ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو لاگىرىدا بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ ياتماقتا. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت