ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان

2004-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دىگەن نام بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان .

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامان ھاجىنى بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئامان ھاجىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپالمىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارسىدا ھەتتا “ئۇ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى” دىگەنگە ئوخشاش ئېنىقسىز مەلۇماتلار تارالغان. ئامان ھاجىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئىنىسى ئېلشات ھاجىنىڭ بېيجىڭدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى غۇل - غۇلىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان.

ئۇزۇندىن بېرى سۈكۈتتە تۇرغان مەركىزى ھۆكۈمەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئامان ھاجىنى خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، زور مىقداردىكى نەق پۇلغا خىيانەت قىلدى ۋە قېرىندىشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىيانەت قىلغان پۇللارنى شەخسىي كارخانىسى ئۈچۈن ئىشلەتتى دەپ، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش چارىسىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ دىلوسىنى ئەدىلىيە تارماقلىرىغا يوللاپ بېرىدىغانلىقنى ئېلان قىلدى.

ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان، ئامان ھاجىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بىر كىشى ئىستانسىمىزغا "ئېلشات ھاجىنىڭ ئۆلىمى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئامان ھاجىغا مۇناسىۋەتلىك دىلوغا ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى بىر قانچە كاتتىباشلار چېتىشلىق. ھۆكۈمەت ئىشنىڭ يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دىلوغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كىشىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا، ئالدى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ئېلشات ھاجىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئامان ھاجىنى مەزكۇر زور ئىقتىسادىي دىلونىڭ باش جىنايەتچىسى قىلىپ بېكىتكەن" دەپ مەلۇم قىلدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت