ئامان ھاجى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2004-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 10 - يىغىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئامان ھاجىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى چىرىيە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 13 - يىغىنى قارار چىقىرىپ، ئامان ھاجىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئامان ھاجى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلق قۇرۇلتىيىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى. ئامان ھاجى ئىلگىرى چىرىيە ناھىيىسىدىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان .

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئامان ھاجىنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇنىڭ تەپتىش دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئامان ھاجىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە خەلق قۇرۇلتېيىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىىشى ئۇنىڭ سوتقا تارتىلىشىنىڭ يولىنى ئاچتى دەپ پەرەز قىلىشماقتا. ئامان ھاجى بۇ يىلنڭ باشلىرى خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، خىيانەتچىلىك بىلەن تەكشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ كانادادىكى ئىنىسى ئېلشات ھاجى كانادادىن بېيجىڭغا چاقىرتىپ كېلىنگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئۆلگەن ئىدى. (ئەركىن )

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت