خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش تەلىپىگە جاۋاب بەرمىدى

2005-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چارشەنبە كۈنى مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇش زۇكىمى بايقالغان ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش تەلىۋىگە جاۋاب قايتۇرمىغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى روي ۋادىيانىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش تەلىۋىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپلا قالماستىن يەنە، ئۇلارغا قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن ئۆلگەن ياۋايى قۇشلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى جىددىي يەتكۈزۈش چاقىرىقىغىمۇ ئىنكاس قايتۇرغىلى ئۇنىمىغان.

ۋادىيا سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ چەتئەل چاقىرىقىغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇۋىلىشىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، قۇش زۇكىمىنىڭ داۋاملىق تارقىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى ھەمدە خىتايدىكى بۇ قۇش زۇكىمىنىڭ پەسىللىك كۆچىدىغان قۇشلار ئارقىلىق جەنۇبىي ئاسىياغا ھەتتا ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپاغىچە تارقىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇش زۇكىمى كېسىلى بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاينىڭ بۇ يەردىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق -12دېۋىزىيىسىدە بايقالغان بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن بۇ يەردىكى نەچچە مىڭ توخۇلار ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە بۇ رايون يىگىرمە نەچچە كۈنگىچە باشقا جايلاردىن ئايرىۋىتىلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بۇ رايوندا مەزكۈر كېسەللىكنىڭ ياخشى كونترول قىلىۋېلىنغانلىغىنى جاكارلاپ، ئايرىپ تەكشۇرۇش چارىسىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ كېسەل ئىنسانلارغىمۇ يۇقىدىكەن. ھەتتا ئاسىيادا 2003 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە يىگىرمە نەچچە كىشى بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەن. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت