خىتاي كولىن پوۋېلنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2004-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلنىڭ بېيجىڭدىكى يېقىنقى زىيارىتىدە، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوچېر پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاشكارلىدى.

رىچارد بوچېر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى بېيجىڭغا بارغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى كولىن پوۋېلنىڭ زىيارىتىدىن سەل ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېررورچىلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

بىراق رىچارد بوچېر، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - بىر دۆلەت چىقمىسا تۇتقۇنلارنى جازالىمايدىغانلىقى ۋەدىسى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راستلىقىنى رەت قىلدى. بوچېرنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان. رىچارد بوچېر، ئامېرىكىنىڭ بەزى دۆلەتلەر بىلەن تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بويىچە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت