ئۈرۈمچىدە مىللىي دىنىي زاتلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2006-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

27‏- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە مىللىي دىنىي زاتلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار، قانداق قىلىپ دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ياردەملىشىپ مىللىي دىنىي زاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش مەسىلىلىرىدە مۇزاكىرىلەشتى.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يىغىندا ھەر مىللەتلىك دىنىي زات ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىگىدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ۋە دىنىي ساھەنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق ۋە سىياسىي تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىنغا قاتناشقان ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى نېيىم ياسىن ھەر مىللەت دىنىي زاتلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە، مىللەتلەر دىنىي خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچ-مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قانۇن-تۈزۈلمىسى بويىچە ئىش تۇتۇپ، بۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ يىغىنغا مىللىي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن سىرت يەنە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە سەھىيە ئىدارىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملار قاتناشقان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي دىنىي ئەركىنلىك بەرمەيۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارغا تۈلۈك سىياسىي ئۆگىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت