خىتاينىڭ دولان ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىغا بەرگەن تۇرمۇش كاپالىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

2006-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر دولان سەنئەتكارلىرىدىن 12 نەپىرىگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە مەشھۇر دولان مۇقامچىسى ھۆسەيىن يەھياغا 11 ‏- ئايدىن ئېتىبارەن 110 يۈەن مۇئاش بەرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، دولان مۇقامچىسى ھۆسەيىن يەھيا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇپ، چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان، بىراق ئۇلارنى چەتئەللەردە ئويۇن قويۇشقا ئۇيۇشتۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى، دولان سەنئىتىنى جۇڭخۇا مەدەنيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ شەرىپىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە ئاز ساندىكى 12 مۇقامچىنى 15 دوللارغا يەتمەيدىغان مۇئاش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

خىتاي خەلقى ئارىسىدىكى چاڭچىل سەنئەتكارلىرىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئىگە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دولان ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەدەنيىتىدىكى مەشھۇر سەنئەت تۈرلىرىدىن بىرى بولغان دولان سەنئىتىنى، ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرۇش ۋە تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بىر خىزمەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دولان مۇقامىنىڭ پىشۋاسى ھۆسەيىن يەھياغا ئاران 110 يۈەن مۇئاش بېرىشى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايلا قالماستىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىراسلىرىنى قوغداشقىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن .

كۆزەتكۈچىلەر يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتى، ھېچقاچان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنيىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئەمەس دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت