دولان مۇقاملىرىنىڭ ساقلىنىشىدا ۋارىسلار كەمچىل بولماقتا

2006-09-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دولان مۇقامى گەرچە يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن، دۇنياۋى قوغدىلىدىغان ئاغزاكى مەدەنىيەت تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، دولان مۇقامىنى تولۇق بىلىدىغان خەلق سەنئەتكارلىرى 300 گە يەتمەيدۇ.

دولان مۇقامىنىڭ ۋارىسلار يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك يوقاپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ يىل مەكىتتىكى پېشقەدەم مۇقامچىلار مەكىتنى ئاساس قىلىپ 14 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان جەمئىي 36 ياش ئۆسمۈرلەرگە مەخسۇس دولان مۇقاملىرىنى ئۆگىتىشكە كىرىشكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "بۇ يىل ھۆكۈمەت مەكىتتە مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەشكە مەخسۇس 50 مىڭ يۈئەن مەبلەغ ئاجراتتى، ئۇنىڭدىن باشقا مۇقام ئۇستازلىرى ھەمدە شاگىرتلىرىنىڭ ھاشار ئەمگىكى بىكار قىلىندى دېيىلگەن".

بۇ خەۋەردىن مەلۇمكى، مەكىت خەلقى يەنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد مەشرەپلەرنى مۇقام ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۇرۇشتىكى تەبىئىي مەكتەپ قىلىپ كەلگەن دولان مەكىت خەلقى يەنىلا ھاشار ئەمگىكىدىن قۇتۇلالمىغان.

بەزى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار، دولان مۇقامىنىڭ، نەچچە مىڭ يىللاردىن ھازىرغا قەدەر يۇقالماي ساقلىنىپ، نۆۋەتتە ئەۋلاد يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قېلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي بېسىملىرىدىن باشقا، ھاشار ئەمگەكلىرى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەشرەپ پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشىنىڭمۇ توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت