كۈنمىڭ ئايرودرومىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇيدىغان 26 ئۇيغۇر ئايال بىراقلا تۇتۇلۇپ قالدى

2006-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يۈننەننىڭ ماڭ شەھىرىدىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ 29 - ئىيۇل كۈنى كۈنمىڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغان 26 نەپەر ئۇيغۇر ئايالدا زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەممىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى. بۇ خىتايدا ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئەڭ زور كوللىكتىپ زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش ۋەقەسى، دەپ قارالماقتا.

ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ، بىر نەپىرى شىنجاڭ تەۋەلىكىدە بولمىغان بۇ 26 ئايالنىڭ ئىچىدە تۆتىنىڭ كىچىك بالىسى بار بولغاندىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھامىلدار ئىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىكنى جىنسى قاپچۇققا قاچىلىغاندىن كېيىن يۈتۈۋېلىپ ماڭغان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك خىتايچە بىلمەيدىكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرىنىشىنى تەكشۈرمەكتە ۋە تۇتقۇنلارنى سوراق قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئاياللار مەلۇم بىر زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھىغا خىزمەت قىلىدىغان ياكى ئۇلار ياللىۋالغان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئاياللارنىڭ بەزىلىرى بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ، بەزىلىرى ئېغىر ئاياق پېتى بىرلا ۋاقىتتا بىر ئايرۇپىلانغا چۈشۈپ ماڭغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى بىسەرامجانلىق ئايرودرومدىكى ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ماڭ شەھىرىدىن كۈنمىڭ ئايرودرومىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن كېيىن، ئايرودرومغا قونۇشى بىلەنلا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن كۈنمىڭ ئايرودرومى زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ ماڭغان بۇ ئاياللارنىڭ ئۆتكۈنچى بېكىتى بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردىن ئايرۇپىلان ئالمىشىپ باشقا بىر شەھەرگە ئۇچماقچى ئىكەنتۇق. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت