ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىكى ئۈچ قازاقىستان پۇقراسىنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىپ، قازاقىستانغا قايتۇردى

2006-12-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىلياس ئۇمەروف، گۇانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ قازاق پۇقراسىنىڭ شەنبە كۈنى قازاقىستانغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى گۇانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ 18 ئىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قويۇپ بېرىلگەن باشقا مەھبۇسلار ئافغانىستان، يەمەن، لىۋىيە ۋە بېنگال پۇقرالىرى ئىكەن.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەروف، گۇانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ قازاق پۇقراسىنىڭ قازاقىستاندا ھېچقانداق قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىنى ھەمدە ھېچقانداق بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەروفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قازاق پۇقرالىرىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ تېررورچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.

قازاقسىتان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، گۇانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن قازاق پۇقرالىرىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ئەمما ئۇ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى گۇانتانامو ھەربىي تۈرمسىسىدە ھېلىمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر قازاق پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت