بۇش ھۆكۈمىتى گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

2007-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار گۈەنتاناموغا جايلاشقان ئەسىرلەر لاگىرىنى تاقىۋېتىش ۋە بۇ لاگىردىكى ئەسىرلەرنى ئامېرىكا زېمىنىدىكى بىر ھەربىي تۈرمىگە يۆتكەش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىپ قالغان.

بۇش ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇلار گۈەنتانامودىكى لاگىرنى تاقىۋېتىش، لاگىردىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىنىڭ كانزاس شتاتىدىكى فورت لېۋېنۋورس تۈرمىسى قاتارلىق ھەربىي تۈرمىلەرگە يۆتكەش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىشكە ئاز قالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جايدا سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە قانۇن مەسلىھەتچىلىرى جۈمە كۈنى بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاق ساراي، بۇ مەسىلىنىڭ جۈمە كۈنى مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە ئالدىراش يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار ئامېرىكا زېمىنىغا يۆتكەلسە، بۇ مەزكۇر لاگىردىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بىر قانۇن لايىھىسى سۇنۇشنى ئويلاشماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە سوتلىنىدىغان " دۈشمەن جەڭچىلىرى" ئەمەس. ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغان 3 - دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ئىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت