ھۈسەنجان قارىم، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى

2006-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مارت ئىيىدا ئۆزبېكىستاندا قولغا ئىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۆسەنجان قارىمنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۆسەنجان قارىمنىڭ كانادادا ياشايدىغان ئايالى كامىلە تىلەندىبايۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى، تاشكەنتتىكى كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنى، ھۈسەنجان قارىمنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەردار قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ھۈسەنجان قارىمنىڭ قاچان خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى تېخى ئىنىق مەلۇم ئەمەس، ئەمما يېقىندا ھۈسەنجان قارىمنىڭ تاشكەنتتىكى تۇققانلىرى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى باشقا بىر تۈرمىگە يۈتكىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن ئۇنى قايسى تۈرمىگە يۈتكىگەنلىكى توغرىسىدا ئۇلارغا مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بۇ يىل ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇرۇق- تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان ھۈسەنجان قارىم 27‏ - مارت كۈنى تاشكەنتتە ئۈزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

كانادا ھۆكۈمىتى، كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.

سىياسىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلى 1990‏- يىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان ھۈسەنجان قارىم، 2001‏- يىلى كاناداغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت