ئۈزبېكستان ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى

2006-06-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل ھاجىمنىڭ ئۈربېكستاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، 6 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى "موسنيۇس" تور بېتى ئېلان قىلغان خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۈزبېكستان ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئېھتىمالى بولغان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 3900 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدىن 1770 ئادەمنى ئاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دەپ ئاتىماقتا. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ قازاقىستاندىن 5 ‏- ئايدا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۈزبېكستان بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بىر ئۇيغۇرنى ئۆز جايىغا قايتۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت