ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كانادا دائىرىلىرىنى ئالدىرىتىپ قويدى

2006-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادانىڭ "گلوب ۋە پوچتا" گېزىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ خەۋەرنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتا.

كانادا باش مىنىستىرى ستېپان خارپېرنىڭ پارلامېنت ئىشلىرى سېكرېتارى جېيسىن كىنېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتىكەن.

جىئېيسىن كىنېي كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتىر مىكاي بىلەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى يېرىم سائەت مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، جېيسىن كىنېي "بىز بۇ خەۋەرلەرنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئىسپاتلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ،" ۋە "ھۆكۈمىتىمىز ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى مۇمكىن بولغان ئەڭ جىددى ئۇسۇللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ،" دەپ تەكىتلىدى. لېكىن كانادا دائىرىلىرى ھۆسەيىن جېلىل خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن بېرى بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر ئالالماي كەلدى.

ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن بۇرۇن جوڭگو دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن سۈت ئېچىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. كانادا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ستېپان خارپېر ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دىلوسىغا بىۋاستە ئارلاشماقچىكەن. ئەگەر ھۈسەيىن جېلىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئىسپاتلانسا، باش مىنىستىر خارپېر خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ياكى دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋلارغا تېلېفون ئېچىشى مۈمكىن. لېكىن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېيسىن كىنېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئۆتكەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن مالايزىيادا كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخاسى ئەمەلدارلىرىغا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆلتۈرۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەرگەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت