خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى

2006-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، يېقىندا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تارالغان خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ تېخى ئۇنى سوتلاپ بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ يەنە، "ھۈسەيىنجان جېلىل شەرقىي تۈركىستان تېرروچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقى گۇمان قىلىنغان خىتاي پۇقراسىدۇر" دەپ بىلدۈرگەن.

بۇ باياناتچى ئالدىنئالا يېزىپ تەييارلاپ قويغان باياناتنامىسىنى مەزكۇر ئاگېنتلىققا ئوقۇپ بېرىپ، " ھۈسەيىنجاننىڭ دېلوسى ھازىر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تېخى ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولمىدى" دېگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە-تاۋاباتلىرى خىتاي ساقچىلىرىدىن ئۇنى ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئېتىپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.كانادا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي كاناداغىمۇ ئوخشاشلا بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ جاۋاپ قايتۇرغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىر، ئۆتكەن يىلى كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ھۈسەيىنجان جېلىلغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمەي تۇرىۋالغان. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت