خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان

2006-09-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

'كانادا ئاگېنتلىقى' (CP) نىڭ تورۇنتودىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقى مەلۇم. ئەمما كانادا دائىرىلىرى تېخى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىنمىغان.

خەۋەردە بايان قىلىىشىچە، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سىڭلىسى ھۈسەيىن جېلىلغا 8 ‏- ئايدا 15 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلىنىپ بولغانلىقىنى قەشقەر ساقچىلىرىدىن ئاڭلىغان. ئۇنىڭ ئاڭلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل ئەيىبلەشكە قايىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قايتىدىن سوراق قىلىنىش پۇرسىتى بېرىلمەيدىكەن. ئەمما ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلە -تەۋەلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئادىل سوتلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھەممەت توختىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل توغرىسىدا تېخىچە بىر رەسمىي شىكايەتنامىسى يوق. ئۇنى خىتايدا سوتلاش تامامەن قانۇنسىزلىق'.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 37 ياشلىق كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىل بۇ يىل 3 ‏- ئايدا ئۆزبېكستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن 'تېررورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان'، 'قىرغىزستاندا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان' دەپ ئەيىبلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدىن مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت