خۇ جىنتاۋ كانادا باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن قاچتى

2006-11-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋېيتنام پايتەختى خانويدا كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئوزىنى قاچۇردى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ كانادا باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى بىكار قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى خۇ جىنتاۋنىڭ ستىپان خارپېر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت رەھبىرى ۋېيتنام پايتەختى خانويدا ئا ت ئو ئى ھ ت نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماقتا.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە تېلېندىبايىۋانىڭ كانادا مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ستىپان خارپېر كامىلەگە خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشسە، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ستىپان خارپېر ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئىما قىلىپ،" بىر كانادا پۇقراسى شەخسى سۈپىتىدە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىسا، پۇقرالىرىمىزنى قوغداش ۋە كۆزقارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىزنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىمىز " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. "

"تورونتو قۇياش" گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىسىدە كۆرۈشۈش خىتاي تەرەپ باش مىنىستىر ستىپان خارپېرنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار ئالدىنقى كۈنى كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىگىچە تېخى مۇقىملاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت