د ئۇ ق كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى

2006-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىدە ئېلىپ بارغان قانۇنسىز ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ ، ئۆز پۇقراسىغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە": بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىنى، سەۋەبسىزلا باشقا بىر دۆلەت تەۋەلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قايتۇرۇپ بېرىش خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ھالدا يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش ئارقىلىق گۆرۈگە ئېلىش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ" دېدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنى گۆرۈگە ئېلىش قىلمىشىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدىن كېيىنلا يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ، مارت ئايلىرىدا كانادانىڭ پۇقرالىق پاسپورتىنى ئىشلىتىپ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە، ئۆزبېكىستانغا تۇققان يوقلاش ئۈچۈن بارغاندا ، ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئاندىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يولسىز ھەرىكەت ، ھۈسەنجان جېلىلنى خەلقئاراغا خىتاي پۇقراسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن.

بۇ ئارىدا كانادا مەتبۇئاتلىرىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ، ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بارلىق دىپلوماتىك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ھۆسەنجان جېلىلنىڭ خىتاينىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

ئۆزبېكىستان تەرەپ دۈشەنبە كۈنى كانادا ھۆكۈمىتىگە، ھۈسەنجان جېلىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن بېرى، بۈگۈنگە قەدەر خىتاي بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت