خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى توسالغۇغا دۇچ كەلمەكتە

2007-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە بۇ يىل ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ‏- ناھىيىلەردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكچى بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1 - ئاۋغۇست خەۋەر بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۆت خىل چوڭ توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىكەن.

خەۋەردە ، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش جەريانىدا ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇ ، "بەزى دېھقانلارنىڭ ئىدىيىسى قالاق بولغاچقا، ئۇلار تۈزۈك كىرىم قىلالمىسىمۇ ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشنى خالىماي جاھىللىق قىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىش ئىزدەشكە كۆنمەيدۇ "دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە ، ئىككىنچى ، ئۇيغۇر ئېلى دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولغاچقا يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت مۇھىتىغا ماسلىشالمايدىكەن. خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمىگەچكە ۋە يەنە سىرتقى يات مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا ، ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۇقىرى مائاشلىق ، خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ،كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار شۇنداقلا مۇخبىرلىرىمىزنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇر قىزلاردىن ئىگىلىشىچە، خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلار ھەقسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغاندىن باشقا ، ئەرزان ئەمگەك ھەققى بىلەن ئۇزاق ھەم ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان ھەم تۈرلۈك خورلۇققا ئۇچرىغانلىق سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، ھەتتا كۇچادا يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقىغا نارازى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىشى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ، مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئەيىبلىمەكتە . (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت