شىنجاڭ ۋەكىلى شاڭخەيدە بۆلگۈنچى ئىدىيىدىكى ئۇيغۇرچە نەشر بويۇملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

2006-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىلى ئابدۇراخمان ئەلى ئاتالمىش "شەرقىي تۈركىستان" تېررورچىلىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ قاتارىدا بۆلگۈنچى ئىدىيىنى سىڭدۈرگەن ئۇيغۇرچە نەشر بويۇملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ئەلى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا " شىنجاڭ ھازىر 'شەرقىي تۈركىستان' تېررورچى كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش سېپىگە ئۆتتى" دېگەن. ئۇ يەنە، بۇ كۈچلەرنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئابدۇراخمان ئەلى سۆزىدە، تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىق قوللىنىشتىن ئۆزگىرىپ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ بۆلگۈنچى ئىدىيە سىڭگەن نەشرى ئەسەرلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋاللارغا قانۇن ئارقىلىق زەربە بېرىش زۆرۈر ئىكەن.

ئابدۇراخمان ئەلىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خەۋەردار بولغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى چەكلەپلا قالماي، ئەمدى ھازىر ئۇيغۇر نەشرىياتى ۋە ئەدەبىياتىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ھەتتا بۇ يولدىكى زەربىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 5‏-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى شاڭخەيدە ئېچىلىپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشمە باياناتىدا ، ‏"‏3 خىل كۈچ" لەرگە زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت