ئىسمايىل تىلىۋالدى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

2005-08-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئىسمايىل تىلىۋالدى يىغىندا، خوڭكوڭدىكى "ۋېنخۇي گېزىتى" مۇخبىرىنىڭ يازغۇچىلارنى قولغا ئېلىش خەۋىرىنىڭ راستلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ ئىككى يازغۇچىنى قولغا ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدەك شېئىر ياكى پوۋېست يېزىش ئۇسۇلى بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ خىتايدا قانۇنىي يول بىلەن جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسمايىل تىلىۋالدى سۆزىدە يەنە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ ساننى ئىگىلىمەيدىغانلىقىنى، ھازىر بۇنداق كىشىلەرگە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى،شۇنداقلا ئۇلارغا كىشىلەر كوچىدا قالغان چاشقاننى ئۇرغاندەك، كۆرگەنلا يەردە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

ئۇيغۇر شائىرى ۋە يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن، "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىنىڭ 5 - سانىدا "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەسەرگە "بۆلگۈنچىلىك" ئىدىيىسى سىڭگەن دەپ ئەيىبلەپ، ئاپتور نۇرمۇھەممەت ياسىننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. بۇ ئەسەر يېقىندا، "ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى" تەرىپىدىن خىتاي ۋە ئېنگلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت