كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن كۆرۈشتى

2006-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى روللاند ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە ،خىتاي ھۆكۈمىتىىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ئىسمايىل تىلىۋالدى بىلەن كۆرۈشتى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسمائىل تىلىۋالدى، روللاند ئەپەندىگە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئىشسىزلىق، مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىۋاتقان، دىنىي ئەركىنلىك كونترول قىلىنىۋاتقان، مائارىپ خىتايچىلاشتۇرىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتنىڭ ئەكسىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، "ئاپتۇنوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتى ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، بىز كانادا كارخانلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا ، ئورتاق تەرەققىي تېپىشقا چاقىرىمىز" دېگەن.

كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىل، ئۆزبېكىستاندا خىتايلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە قامالغان بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسىيىن جېلىل مەسىلىسى ئۈستىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى دەرھال كانادا تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي كەلدى.

كۆزەتكۈچىلەر ، كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى روللاند ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى، ھۈسىيىن جېلىل مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشماقتا. ئەمما بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت