كلىنتون فوندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاش خىزمىتىنى باشلىدى

2007-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كلىنتون فوندى جەمئىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاش شۇنىڭدەك ئەيدىز ئېغىر رايونلاردىكى سەھىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە 2 مىليون 870 مىڭ يۇەن ياردەم پۇلى ئاجراتقان بولۇپ، مەزكۇر خىزمەت 3 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن.

خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىدىن بولغان "شىنجاڭ گېزىتى"، كلىنتون فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش تۈرىنىڭ 3 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 400 كىشى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان 300 كىشى يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 9 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ستاتىستىكىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار سانىنىڭ 17 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، بۇ سان پەقەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز بىلەن ۋىرۇسلانغانلار سانى 60 مىڭ ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان ئۇيغۇرلار، بىر تەرەپتىن داۋالىنىش قىيىنچىلىقىغا يولۇققان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئۆزلىرىنى داۋالىتالمىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نومۇس قىلىش سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىيالمايدىكەن. بۇ خىل قىيىنچىلىقلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ زور دەرىجىدە كۆپىيىپ كېتىشىگە يول ئاچماقتا. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت