غۇلجىدا ساقچىلار ئۆيىدىن كۆچۈشنى رەت قىلغان بىر ئۇيغۇرغا ئوق چىقىرىپ ئۇنىڭ كۆيۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى

2006-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ساقچىلار قورا جايىدىن كۆچۈشنى رەت قىلغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ 20 ياشلىق ئوغلىغا ئوق چىقىرىپ پۇتىدىن يارىلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ كۆيۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. نۆۋەتتە 20 ياشلىق بۇ بالا ئىلى ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇلماقتا.

بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا غۇلجا شەھىرىنىڭ خىتاي بازىرى رايونىدىكى تېرە بازىرىغا جايلاشقان قورا جاي ئىگىسى ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭ، جايىنى 300 مىڭ يۈەنگە سېتىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى سەۋەبچى بولدى. قورا جاي ئىگىلىرى نۇرئەخمەت ھوشۇر ۋە ئابدۇكېرىم مايمۇن ئىسىملىك ئىككى ئاكا - ئىنى سودىگەرنى غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىلىبەك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قورا جايىنى كەم باھالاش، سېتىپ بېرىش ۋە قورا جايدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

نۇرئەخمەت ھوشۇر ۋە ئابدۇكېرىم ھوشۇرلار ئىلگىرى ئەخمەت ئابدۇرېھىم ئولتۇرۇۋاتقان قورا جاينىڭ بىر قىسىمىنى سېتىۋالغان ۋە ئەمدى قورا جاينىڭ قالغان قىسىمىنى سېتىۋالماقچى بولغان. بۇ جەرياندا قورا جاي ئىگىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگىچە ئەرز سۇنغان ۋە يۇقىرى سوت قورا جاينى قايتا باھالاشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. لېكىن 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بارغان ئەخمەت ئابدۇرېھىم ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ساقچىلار يېڭى ھايات تۈرمىسىگە 15 كۈنلىك سولاپ قويغان.

ئەتىسى شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ۋە ساقچىلار ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭ قورا جايىنى چېقىۋەتمەكچى بولۇپ بارغاندا، ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭ 20 ياشلىق ئوغلى ئۆيى ۋە ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ، ئەگەر ئۆيىنى چاقماقچى بولسا ئوت قويۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا قارىتىپ 2 پاي ئوق ئاتقان ۋە بىر پاي ئوق ئۇنىڭ پۇتىنى زەخمىلەندۈرگەن. بۇ جەرياندا بېنزىن ئوت ئېلىپ كەتكەنلىكدىن ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئوغلى ۋە قورا جايىغا ئوت كېتىپ، ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئوغلى يارىلاندى. نۆۋەتتە ئۇنىڭغا ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس، ساقچىلار ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئەخمەت ئابدۇرېھىم ۋە ئايالىنى قويۇپ بەرگەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت