دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار

2004-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى غەرب ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇلدى.

-23 سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى " بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى" ۋە رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىك، ئىرقچىلىق، كەمسىتىش ۋە " تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش" نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا توختالدى.

" بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " ئۇيغۇر ئېلىدە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تەس بولدى" دېگەن تېمىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى زىيارىتىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ، " ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇق نۆۋەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى" دەپ يازغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باراۋەرسىزلىكلەر ھەققىدە توختىلىپ، " خىتايلار ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ياشايدۇ-يۇ، ئەمما باراۋەر ياشىمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

شۇنداقلا ھەر ئىككىلا ماقالىدا يەنە، خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، تىنچ يول بىلەن قارشىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي-ئېتىقاد ۋە تىل -يېزىقىنى كونترول قىلىپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ( پەرىدە )

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت