تۈركىيىدە "خىتاي مەدەنيەت ھەپتىلىكى" داۋاملاشماقتا

2006-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرسىتىلىۋاتقان 12 مۇقام سەنئىتى 22 ‏- نويابىر كۈنى كەچتە، تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچراشتى.

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلىرىدە "خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىسى" ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى قىلىپ كۆرسەتكەن.

بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، 12 مۇقامنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ھە دېسە ئۇيغۇر سەنئىتىنى دەسمايە قىلىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بۇياپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ۋە ساقلاشتا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ دېيىشمەكتە.

ئوخشاشلا تۈرك تاماشابىنلىرىمۇ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى كۆرۈپ، كۆپ ھۇزۇرلانغانلىقىنى شۇنىڭدەك 12 مۇقامنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مىسرالىرىنى تامامەن چۈشەنگەنلىكىنى ، دىمەك 12 مۇقام سەنئىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تامامەن پەرقلىق بولغان تۈرك مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

12 مۇقام ئۇيغۇر تارىخىدىكى نادىر سەنئەت ئىلاھى سۈپىتىدە دۇنياغا مەشھۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 12 مۇقامنى خەلقئارادا قوغدىلىدىغان ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت