نۇر بەكرى، ئۇيغۇر ئېلى "تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل شارائىتتا" دەپ كۆرسەتتى

2006-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى 28‏- سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە پۈتۈن خىتايدىكى 29 داڭلىق ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پاراۋان ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئەڭ مۇكەممەل دەۋرىنى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يىغىلغان 100 گە يېقىن مۇخبىرلىرىغا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جەھەتلەردە تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل شارائىتتا ئىكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان "ئاخبارات توربەتلىرىدە شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش" پائالىيىتىگە گەرچە، پۈتۈن خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدىن دېگۈدەك مۇخبىرلار تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بىرمۇ چەتئەل ئاخباراتى ياكى چەتئەل مۇخبىرى قاتناشتۇرۇلمىغان. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت