ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان ئاۋسترالىيىلىك مەھبۇس

2006-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان "تىز ئۇچۇر گېزىتى" دە ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان ئاۋسترالىيىلىك مەھبۇس " سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە بېسىلدى. بۇ ماقالە ھازىرغا قەدەر قازاقىستان تۈرمىسىدە ئازاپ چېكىۋاتقان 36 ياشلىق ئاۋسترالىيە پۇقراسى، ئۇيغۇر نۇرپولات ئابدۇللانى ئەسلەش ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا تىرىشقان.

ماقالىدە "گەرچە نۇرپولات ئەپەندىنىڭ تېررورچى، قولبومبىسى ياسىغان، ئىككى نەپەر قازاق ساقچىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندار، دېگەندەك جىنايى ناملىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يۇقىرىقى جىنايى ناملارنىڭ ھېچقايسىسى ئېتىراپ قىلغىنى يوق" دەپ بايان قىلىنغان.

ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان ئاۋسترالىيىلىك مەھبۇس" دېگەن ماقالىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قازاقستاننى نۇرپولات ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى؛ ئاۋسترالىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكىمۇ ئاۋسترالىيە پرېزىدېنتى جوھن خاۋوردقا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن نۇرپولات ئابدۇللانى ئەركىنلىككە چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمما ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى نۇر پولاتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانۇنىي مەسلىھەتچى تەكلىپ قىلىپ، بۇنداق شەكىل بىلەن 9 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى نۇرپولات ئەپەندىنى تۈرمىگە بېرىپ ئاران بىر قېتىم يوقلىغانلىقى بايان قىلىنغان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت