خىتاي سوت مەھكىمىسى بىر ئۇيغۇرنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

2005-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى مەخپىي سوت ئېچىپ، 2002 - يىلى 8 - ئايدا پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن پاكىستاندا ياشاۋاتقان قەشقەرلىك مۇھەممەد توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

مۇھەممەد توختى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2002 - يىلى 8 - ئايدا پاكىستان ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن پاكىستانغا مەخپىي ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، مۇھەممەد توختىنى راۋالپىندىدا قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن.

مۇھەممەد توختى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ب د ت پاكىستاندىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن سىياسى پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئۇنىڭغا سىياسى پاناھلىق بەرگەن ۋە شۋېتسىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇ شۋېتسىيىگە قاراپ ئۇچۇشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قولغا ئېلىندى.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا مۇھەممەد توختىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئەمما سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇھەممەت توختىنى قانداق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەسكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت