ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى

2006-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ جازاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ تەدبىقلىشىدىن كېيىن 22 - ئىيۇن كۈنى ئىجرا قىلىندى.

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان بۇ تۈركۈمدىكى مەھبۇسلارنىڭ 6 نەپىرى قاتىللىق، باسقۇنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق جىنايەتلىرىدىن ئەيىبلەنگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى "شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى" دەپ خەۋەر بەردى ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ياڭ سىجى، جۇ بىڭ، ما يىڭجۈن، لى چۈنپىڭ قاتارلىق 6 كىشىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى. لېكىن ، ئاتالمىش بۇ بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ مۇشۇ 6 كىشى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى ياكى بۇ بىر تۈركۈملەر ئىچىدە باشقىلارنىڭ بار - يوقلىقىنى ۋە ئۆلۈم جازاسىنىڭ مىلتىق بىلەن ياكى زەھەرلىك يىڭنىدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتمىگەن.

خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتايدا يىلىغا ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا ھازىرغىچە ئېلان قىلىپ باقمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالىي سوت ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى يۇقىرىقى كىشىلەرگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى "يۇقىرى سوتنىڭ تەدبىقلىشىدىن كېيىن" ئىجرا قىلىندى، دەپ يازدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت