دانىيىدە بىر ئۇيغۇر ياش قاماقخانىدا قازا قىلدى

2005-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دانىيە ساقچى دائىرىلىرى، دانىيىگە قانۇنسىز كىرگەن بۇرھان زۇنۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ پادىبۇرگ شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، دانىيە ساقچى دائىرىلىرى بۇرھان زۇنۇننىڭ 25‏-دېكابىر كۈنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئۆزىنى ئېسىۋالغانلىقىنى بايقاپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، لېكىن دوختۇرلارنىڭ قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقى نەتىجە بەرمەي، 29‏-دېكابىر كۈنى قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

خەۋرلەرگە قارىغاندا، دانىيە ساقچىلىرى، بۇرھان زۇنۇنغا، دانىيىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىكەن.

بۇرھان زۇنۇننىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى . ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دانىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانماقتا. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت