ئۈرۈمچى ساقچى دائىرلىرى پارتلاش ۋەقەسى گۇماندارىنى تۇتۇشقا ئون مىڭ يۈئەن ھەدىيە ئېلان قىلدى

2006-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى قانۇن تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 17 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرلىرى، ئۈرۈمچىدە جۈمە كۈنى بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇماندار ھەققىدە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرگە ئون مىڭ يۈئەن سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

15 - دېكابىر يۈز بەرگەن مەزكۇر بومبا پارتىلاش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 2 ئادەم يارىلانغان ئىدى. بەزى ۋەقە شاھىدلىرىنىڭ ساقچىلارغا تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، پارتىلاش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا كۈلرەڭ پەي چاپان كىيگەن، بويىنىڭ ئىگىزلىكى بىر مېتىر 75 سانتا كېلىدىغان، ئورۇقراق، ئاق يۈزلۈك بىر ياش ئالاقزادىلىك بىلەن پارتىلاش يۈز بەرگەن دوختۇرخانا ئىشىكىدىن چىقىپ، تېز كېتىپ قالغان.

ۋەقە شاھىدلىرى گەرچە بۇ گۇماندارنىڭ 25 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ياشنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

ئۈرۈمچى ئاقچى دائىرلىرى، پارتىلاش ۋەقەسى ھەققىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، دەسلەپكى قەدەمدە بومبىنىڭ قولدا ياسالغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى، ئەمما ۋەقەنىڭ دوختۇرخانىغا بولغان نارازىلىقتىن بولغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك پارتىلىتىش بولىشى مۈمكىنلىكىنى قىياس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنىمۇ تېخى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت