پەيزىۋاتتىكى قىزىل بۇيا ۋەقەسىدە 2 ساقچى ئۆلگەن ۋە 4 كىشى يارىدار بولغان

تۈنۈگۈن پەيزىۋات ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قىزىل بۇيا ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن تولۇق مەلۇمات ئىگىلەندى. مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە 12 ‏ - ئاۋغۇست يامان يار ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى تۇتۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 12 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامان يار يېزىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن قەشقەردە گىلەم تازىلاش نامىدا ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. ھەركەت داۋامىدا ساقچىلار، پەيزىۋاتنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدىكى بىر قوناق ئېتىزىنى قورشاۋغا ئالغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا ساقچىلار قوناقلىقتا يوشۇرۇنۇپ ياتقان بىر گۇرۇپپا كىشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ھۇجۇمچىلار 2 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 4 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، قالغان ساقچىلار قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بېرىپ بىرقانچە سائەتتىن كېيىن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە گۇماندارلىرىنى تۇتالمىغان.

نۆۋەتتە، 500 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە ئەسكەر پەيزىۋاتنىڭ قىزىل بۇيا ھەم مىشا يېزىسىدا ۋەقە گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھەركەت ئېلىپ بارماقتا.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت