خېلسىنكى فېدىراتسىيىسى قازاقىستاننى 2 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

2006-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى ۋىيانادىكى خەلقئارا خېلسىنكى كىشىلىك ھوقۇقى فېدىراتسىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستاندا يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىق قاتارلىق 2 ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ خىتايغا مەخپىي ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۈسۈپ قادىر توختى بىلەن ئابدۇقادىر سىدىقلار بۇ يىل 3 - ئايدا قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ۋە يالغان پاسپورت ئېلىپ يۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىك تەشۋىق قىلىنغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى.

خېلسىنكىي فېدىراتسىيىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى يېقىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بەرگەن، لېكىن قويۇپ بېرىلگەندىن ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. خېلسىنكىي فېدىېراسىيىسى، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خېلسىنكىي فېدىراتسىيىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ كىشىلەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە ئادالەتسىز جازالىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

قازاقىستاننىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى ۋە ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بۇ ئورگان باياناتىدا " ئەھدىنامە بويىچە بىر كىشىنى تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار دۆلەتكە قايتۇرۇش چەكلەنگەن.

خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى يەڭگىللىك بىلەن يولغا قويماقتا ۋە شىنجاڭدا ئۆلۈم جازاسى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنماقتا " دەيدۇ. خېلسىنكىي فېدىراتسىيىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئابدۇقادىر ئىدرىس، ئەخەت مامۇت ۋە تۇرغۇن ئابباس قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە ئابدۇنەبى ئابلەت، توختى تۇرسۇن، مۇخايە شاۋكەتوۋا، گۈزەل رامازانوۋا، شېرىنگۈل قۇربانجانوۋا قاتارلىق ئۇيغۇرلار قازاقىستاندا ئىز دېرەكسىز يوقالغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت