ۋېن جىياباۋ ئاقايېفنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكىنىگە رەھمەت ئېيتتى

2004-09-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ "بىر خىتاي" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاتالمىش "ئۇيغۇر بۆلگۈنچى" لىرىنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

ۋېن جىياباۋ يەنە، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېف بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ، "شەرقىي تۈركىستان" تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە 3 خىل كۈچكە زەربە بېرىشنىڭ خىتاي-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف بۇ ئۇچرىشىشتا، ۋېن جىياباۋدىن قىرغىزىستاننىڭ سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلدى.

شۇنداقلا ۋېن جىياباۋ سەيشەنبە كۈنى تانايېف بىلەن 10 يىللىق ھەمكارلىق پروگراممىسىغا قول قويدى. بۇ پروگرامما 18 ساھەدىكى يۈز نەچچە خىل تۈردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەتتا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي يەنە قىرغىزىستاننىڭ ئىسلاھاتىغا ياردەم قىلىش نامىدا 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل بەرگەن. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت