قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 60 مىڭ دېھقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا يۇرتىدىن يۆتكەلدى

2007-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا تورىنىڭ 27 - نويابىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ بىر يىل ئىچىدە قىزىلسۇدىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق دېھقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە خىتاينىڭ جېجياڭ، جياڭسۇ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2007 - يىلى بىر يىل ئىچىدىلا مۇشۇ خىل سىياسەت بىلەن قىزىلسۇنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ‏- يېزىلىرىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان يەرلىرىنى تاشلاپ سىرتلارغا يۆتكەلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۈر سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل ئورۇنلار يەنىمۇ كۆپ دېھقان ‏- چارۋىچىلارنى كىرىمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يۇرتىنى تاشلاپ سىرتلارغا بېرىپ ئىش ئىزدەشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشنى بەكرەك تەۋسىيە قىلماقتا ئىكەن. قىزىلسۇ ئوبلاستى دائىرىلىرى نۆۋەتتە ھەر بىر ئائىلىدىن بىرنى سىرتقا يۆتكەش سىياسىتىنى قوللىنىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.

قىزىلسۇ، قەشقەر، خوتەن ھەمدە ئاقسۇدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى،خىتاي دائىرىلىرى ئەمگەك كۈچىنى خىتايغا يۆتكەش پىلانىنى يۆرگۈزىدىغان ئەڭ ئاساسلىق "بىر ئوبلاست، ئۈچ ۋىلايەت "دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بۇيىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇشۇ بىر ئوبلاستى ۋە ئۈچ ۋىلايىتىنى ئاساس قىلىپ يېزىلاردىن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى سانىنى، بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يەتكۈزمەكچى شۇنداقلا ئاساسلىقى 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ يۆتكىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىكاھ يېشىدىكى قىزلارنى تۈركۈملەپ ئېتنىك رايونىدىن يۆتكىشى كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىنمۇ، ئېرقىي تازىلاش خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەت دەپ ئەيىبلەنمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت