ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا

2007-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان، خىتاينىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر ‏- ناھىيىلەر، 9 يىللىق مائارىپنى تاماملىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر مۇددەت تەربىيىلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەن.

يېقىندا يەنە ، كېرىيە ناھىيىسىدىن 103 كىشى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر خىتاي زاۋۇتىغا، گۇما ناھىيىسىدىن 50 كىشى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى "يېخې" كىيىم - كېچەك تىكىش زاۋۇتىغا، خوتەن ناھىيىسىدىكى 45 كىشى يەنە جېجياڭ ئۆلكىسى " جىڭدۇڭفاڭ" زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بىر ئىش ھېسابلانسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ھەر خىل ۋەقەلەر، كىشىلەرنىڭ مەزكۈر ئىستراتېگىيىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ياش قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلىياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان دەپ كۆرسەتمەكتە.

يېقىندا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ، خىتاي ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتتىن قېچىپ كەلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پەرەزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت