خىتاي 2010 ‏- يىلدىن باشلاپ بارلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى

2006-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى "ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا تايىنىش كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت ‏2010 ‏- يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان، شۇنىڭدەك بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ‏ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە يەنە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئوبۇلھەسەن ئەخمەتنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئوبۇل ھەسەن ئەخمەت سۆزىدە "قاراقاش ناھىيىسىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە 50 تىن ئارتۇق قوش تىل ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىلدى، ئوقۇغۇچىلار قوش تىل ئۈگىنىشتە ئاكتىپ بولدى، ئەمما بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يېتىشمەيدۇ، ئەگەر خەنزۇ تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپرەك بولسا بىز سىنىپ ۋە ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئالاھىدە كۆپەيتىپ، قوش تىل خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ بارلىق كۈچىمىز بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندايمىز"، دېگەن.

ئوبۇلھەسەن ئەخمەتكە ئوخشاش باشقا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمۇ، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا، ئاپتونۇم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك "جوڭخۇانى سۆيىمەن" ناملىق ئاز سانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش، لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش مۇكاپاتلاش تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەرنى كۆپ ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ئىزچىل تۈردە قارشى چىقىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى تۈپ ۋاستە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت