ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكىمى يەنە بايقالغان

2006-07-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەنە قۇش زۇكىمى بايقالغانلىقى ئۈچۈن، شاڭخەيدىن ئۇيغۇر ئېلىگە قۇش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان بىر تۈركۈم دورا بويۇملىرىنى جىددىي يۆتكىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن 1500 كىلوگرامغا يېقىن دورا بويۇملىرى ئايرۇپىلان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كېلىنگەن. ئەمما خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى جايلىرىدا يېڭىدىن بۇ قۇش زۇكام ئەھۋالىنىڭ بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنمىغان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، قىززىتمىسى 38 گىرادوسقا يەتكەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆزلىگىدىن باشقىلاردىن يىراق تۇرۇشىنى ھەمدە قۇش زۇكام ئەھۋالىنى بايقىغان ھەر قانداق ئورۇننىڭ 2 سائەتنىڭ ئىچىدە جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرىغا دەرھال خەۋەر قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قۇش زۇكام كېسلى ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدىن بۇ يىل 6‏-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان، داۋانچىڭ، كۆنەس، پوسكام ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا بايقالغان. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى سارس كېسەللىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. شۇ سەۋەپتىن خەلقئارا سەھىيە ئورگانلىرى خىتاينى قۇش زۇكام كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئوچۇق تۇتۇشقا چاقىرغان. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت