ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر كىشى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلدى

2006-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جىمىسار ناھىيىسىدە لى پەمىلىلىك بىر خىتاي دىھقان بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلگەن. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 62 ياشلاردىكى بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ جىمىساردا قۇش زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

بۇ ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر ئادەمنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لى پەمىلىلىك بۇ دىھقان بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاغرىشقا باشلاپ، 7- ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۆلگەن. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لاباراتورىيە تەجرىبىسىدىن بۇ خىتاينىڭ H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان. لېكىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، بۇ ئادەمنىڭ قۇش زۇكامى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەر ۋە بۇ ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغان ياكى بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن توخۇ قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى روي ۋادىيا، " بۇنىڭ توخۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىدى، لېكىن بۇ دېگەنلىك بۇ كېسەللىكنىڭ توخۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە " قۇشلاردا كۆرۈلىدىغان بۇ ۋىرۇسنىڭ شىنجاڭدا بايقىلىشى يېڭى ئەھۋال ئەمەس " ئىكەن. ئۇ،" ھەر ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۈمكىنچىلىكى بار"دەيدۇ. لېكىن تەرەپلەر لى پەمىلىلىك خىتاينىڭ زۇكام ۋىرۇسىنى ئۆي قۇشلىرىدىن ياكى ياۋايى قۇشلاردىن يۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقالغان جاي ئەڭ كۆپ رايون ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو دائىرىلىرى تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاقسۇدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان رايونغا قارىتىلغان كونترولنى بىكار قىلغان. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ھازىرغا قەدەر 21 ئادەم مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغان، لېكىن بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جىمىساردىكى خىتاينى قوشقاندا 14 كە يەتتى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت