ۋال سترىت ژورنال گېزىتىدە رابىيە خانىمنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىندى

2006-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ۋال سترىت ژورنال گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىىسىدە مۇنداق دەيدۇ " خىتاي ھۆكۈمىتى 2005‏- يىلى مىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكىغا يولغا سالدى. ئەمما مەن ئامېرىكىغا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقىم توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىنى كۈتۈرۈپ چىقسام، مىنىڭ باللىرىمىنى ۋە تىجارىتىمنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلماي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلسىدىكى پائالىيەتلىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئۆزەم ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋەتىنىمدە تۈرمىلەردە يىتىۋاتقان مىڭلىغان مەھبۇسنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۇرۇشنى ئۆزەمنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلدىم.

ماقالىسىدە، يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوغۇللىرىم قاھار ئابدۇرىھىم، ئابلىكىم ئابدۇرىھىم ۋە ئالىم ئابدۇرىھىمنى قولغا ئېلىپ، قىزىم روشەنگۈلنى نەزەربەند قىلىش ئارقىلىق، مەندىن ۋە ئائىلەمدىن ئىنتىقام ئالدى، دېگەن.

رابىيە قادىر خانىم، ۋال سىترىت ژورنال گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ " مەنمۇ بىر ئانا، شۇڭا ئوغۇللىرىمنىڭ ئاقىبىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. چۈنكى ئۇلار " دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" دېگەنگە ئوخشاش ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمنى دەرھال ئىجرا قىلدى. مەن، ئەگەر دۇنيا جامائەتچىلىكى قارشى چىقىپ بىر تەدبىر قوللانمىسا، مىنىڭ بالىلىرىمنىڭمۇ مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن" . (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت